سالام تورداشلا مۇشۇ ۋاقتىڭلا خەيرىلىك بولسۇن بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ICP 备案 بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلايلى ،ICP 备案 تۆۋەندە ICP ئەنگە ئالدۇرۇش دەپ ئاتىلىدۇ ، ICP ئەنگە ئالدۇرۇش دىسەك تور بەت ئەپچاق سالون ئىشلىرىنى قىلىۋاتقانلار بىلەن ناتۇنۇش ئەمەس ، ئۇنداقتا ICP ئەنگە ئالدۇرۇش دىگەن زادى نىمە ؟ قانداق رولى بار ؟ تۆۋەندە قىسقىچە تۇنۇشۇپ چىقايلى …
ICP ئەنگە ئالدۇرۇش دىگىنىمىز ۋەتىنىمىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەندە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتلىرىغا ئەنگە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى سۇنۇشنى كۆرسىتىدۇ ، بۇ ئەنگە ئالدۇرۇش جەريانى ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى ۋە تور بېكىتىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى پەرقلەندۈرۈش ھەمدە ICP ئەنگە ئالدۇرۇش نومۇرىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ ، ICP ئەنگە ئالدۇرۇشنىڭ كونكرېت مەقسىتى تور بېكەت قۇرغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي قانۇنلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، قانۇنسىز تور بېكەت تىجارەت پائالىيىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، شۇنداقلا ناچار ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرىنىڭ تارقىلىشىغا زەربە بېرىش ، ICP ئەنگە ئالدۇرمىغان تور بېكەتلەر ، بولۇپمۇ تىجارەت خاراكتېرلىك تور بېكەتلەر قانۇن تەرىپىدىن جازالىنىدۇ ، بۇلار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ICP ئەنگە ئالدۇرمىغان تور بېكەتلەرنىڭ تاقىلىش خەۋىپ-خەتىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى سىز مەيلى سالون بەت مەيلى ئەپچاق ۋە ياكى ئەپ دىتال ، تور بىكەت ئاچقان بولۇڭ چۇقۇم تور نامىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ نامىدا ICP ئەنگە ئالدۇرسىڭىز كىيىنكى ھەرخىل باش ئاغرىقى ۋە ئاۋارچىلىقلاردىن خاتىرجەم بولالايسىز ، شۇڭلاشقا تورداشلارنىڭ ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىزدەل تور تېخنىكا مۇنبىرىمىز كەڭ تورداشلارغا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن ۋاكالىتەن ICP ئەنگە ئالدۇرۇش مۇلازىمىتىنى يولغا قۇيدى ، ئۆز تور نامىڭىزنى ئۆزىڭىزنىڭ نامىدا ICP ئەنگە ئالدۇرۇشقا ئىھتىياجىڭىز بولسا بىكەت باشلىقى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ ، ICP ئەنگە ئالدۇرۇش دەرىسلىكى پات ئارىدا مۇنبىرىمىزگە يوللىنىدۇ ، دەرىسلىكنى كۆرۈپ ئۆزۈڭلا تور نامىڭلارغا ICP ئەنگە ئالدۇرساڭلارمۇ تامامەن بولىدۇ …
ۋاقتىنچە مەزمۇنى يوق